يەكەندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ يۈزدەك ئوقۇغۇچىنى ۋەنخې شىركىتىگە «ساتقان»

Blog post description.

7/17/20231 min read

يەكەن كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆز رازىلىقىسىز، مەكتەپ تەرىپىدىن ۋەنخې فابرىكىسىغا توختام بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن. ۋەنخې كىيىم فابرىكىسىدا ئىشقا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىقلاشلار داۋامىدا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە يەكەن 2-كەسپىي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆز رازىلىقىسىز ھالدا، مەكتەپ تەرىپىدىن مەزكۇر فابرىكىغا نامەلۇم بىر توختام بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قىزلار فابرىكىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەندەك، كەسپىي مەكتەپكىمۇ مەجبۇرىي ئاپىرىلغانىكەن. يۆتكەش مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن فابرىكا ئارىسىدا تۈزۈلگەن نامەلۇم بىر توختامغا ئاساسەن بولغان. توختامنىڭ مەزمۇنىدىن بۇ ئىشچىلار ئۆزىمۇ، ئاتا‏-ئانىسىمۇ خەۋەرلەندۈرۈلمىگەن. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار زاۋۇتتا ھەپتىدە يەتتە كۈن، كۈندە 14 سائەت ئىشقا سېلىنىدىكەن.