ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدا ھەقسىز رىقابەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغان

Blog post description.

9/16/20231 min read

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ دۆلەتنىڭ تولۇقلىما ياردىمىگە ئېرىشىپ، ھەقسىز رىقابەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغان. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن 13-سېنتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرىغا قىلغان يىللىق نۇتقىدا بۇ قارارنى ئېلان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «يەر شارى بازىرى ھازىر خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق توكلۇق ماشىنىلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى… مەن بۈگۈن كومىتېتنىڭ خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ دۆلەتنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىمەن». ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن دۇنيا توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدا ياۋروپا شىركەتلىرى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ غايەت زور دۆلەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان رىقابەتچىلىرىگە تەڭ كېلىپ بولالماي شاللىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.