ياپونىيىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش

Blog post description.

8/17/20231 min read

ياپونىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ياپونىيەلىكلەرمۇ قاتناشتى. نامايىشتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەسۋىرلەيدىغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ئاممىغا تارقىتىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ رەسىمى كۆرسىتىلدى.