ياپونىيە روسىيەگە ماشىنا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش دائىرىسىنى كېڭەيتتى

Blog post description.

7/28/20231 min read

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، G7 دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا-روسىيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن روسىيەگە قاراتقان جازاسىغا ئاساسەن، ياپونىيە ماشىنا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، بۇ چەكلىمە يېڭى ۋە نىمكەش بېنزىن ۋە دىزېل ماشىنىلىرى بىلەن بىرگە، ماتور سىلىندىر سىغىمى 1900 كۇب سانتىمېتىرغا يېتىدىغان ماشىنىلار، شۇنداقلا ئېلېكتر ۋە ئارىلاش ماتورلۇق ماشىنىلارنى ئىچىگە ئالىدىكەن. ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى نىشىمۇرا ياسۇتوشى جازانىڭ «خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ» قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.