ياپونىيە خىتاينىڭ يادرو ئوق بېشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

Blog post description.

7/30/20231 min read

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 2035-يىلغا بارغاندا خىتاينىڭ 1500 يادرو ئوق بېشى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. مىنىستىرلىق «ياپونىيە مۇداپىئە 2023» ناملىق 5 يىللىق مۇداپىئە نىشانى ۋە پروگراممىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: خىتاينىڭ 2035-يىلغا بارغاندا 1500 يادرو ئوق بېشى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي بېسىمى كۈچىيىدۇ. بۇ ئەھۋال رايون جىددىيلىكىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاراللار ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدۇ.