يېڭى زېللاندىيە خىتاي تەھدىتى سەۋەبلىك مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى
Blog post description.


يېڭى زېلاندىيە 4-ئاۋغۇست تۇنجى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينى ھازىرقى خەلقئارا قائىدە-تۈزۈملەرگە تەھدىت دەپ ئاتىغان ھەمدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا ھەربىي كۈچ چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى زېلاندىيە مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ جەڭ تەييارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان. يېڭى زېللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېۋ لىت: «يېڭى زېللاندىيە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا مەبلەغ سېلىشى، شۇنداقلا خىتاي بىزدىن يىراق دەپ قاراپ مۇداپىئەلىنىش مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك» دېگەن.