تۇتقۇن داۋاملاشماقتا: قۇرئان ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلدى
Blog post description.


شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانجى ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق قازاق ئاھالىسى قۇسىمان رېخىمئوغلى «ئىسلامىي توي مۇراسىمىغا قاتناشقان» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تۇتقۇن قۇسىمان رېخىمئوغلىنىڭ قازاقىستاندا ئولتۇرۇشلۇق ئىنىسىدىن ئىگىلىشىچە، دائىرىلەر قۇسىماننى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان» دەپ ئەيىبلەپ، ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن ئىكەن. «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ بىر خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، قۇسىمان رېخىمئوغلى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇنى ئۆيىدە قۇرئان ساقلىغانلىقى ۋە قۇربان ھېيت مەزگىلىدە باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قۇرئان ئوقۇغانلىقى ۋە ئىسلامىي توي مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغان ئىكەن.