تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان
Blog post description.


خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ياپونىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى داۋام قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكىنىڭ ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ۋە بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ياپونىيەدىكى دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاكادېمىكلار ۋە باشقا مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىش پىلانلانغان. تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى 8-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىكەن.