تۇرپاننىڭ تېمپېراتۇراسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى
Blog post description.


تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسى رايونىدىكى ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە پونكىتىنىڭ كۆزىتىشىچە، 16-ئىيۇل سائەت 19 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، تېمپېراتۇرا 52.2 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن. 16-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13 تە، تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدىكى غايەت زور تېرمومېتىردا كۆرسىتىلىشىچە، يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 80 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن.