تۈركمەنىستان: كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان تەبىئىي گاز لىنىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىل يوق
Blog post description.


تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ياكى مالىيە ئامىللىرىنىڭ يوقلىقىنى بايان قىلدى. مىنىستىرلىق تور بېكىتىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گازىنى غەربكە يەتكۈزۈش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك باھالارغا قارىتا بايانات ئېلان قىلغان ۋە يۇقىرىقى ئىپادىنى بىلدۈرگەن.