تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر ئىستانبۇلدا ئۇچراشتى
Blog post description.


تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى، تۈرك سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى ۋە خىتاي خەلقئارا سودىنى قوللاش كېڭىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-خىتاي سودا يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ سودا دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلىرى «رەقەملىك ئۆزگەرتىش ۋە كەلگۈسىنى لايىھەلەش» شوئارى بىلەن ئىستانبۇلغا يىغىلغان. يىغىندا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر، قايتا ھاسىل بولىدىغان تېخنىكا، رەقەملىك مۇلازىمەت، سۈنئىي ئىدراك ۋە G5 قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زور پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.