تۈرك ژۇرنالىستلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتلىرى نارازىلىققا ئۇچرىدى

Blog post description.

7/25/20231 min read

خىتاي دائىرىلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاخبارات خادىملىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە سولچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۆمەكلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بۇنىڭغا تۈركىيە مۇخبىرلىرىنىمۇ قاتناشتۇرغان. ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر تۈركىيەدىكى ژۇرنالىستلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنى تەكلىپ قىلىپ، 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەردىكى بەزى جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان. خىتاي دائىرىلىرى 4 نەپەر ژۇرنالىستتىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى ۋە بەزى مەسچىتلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان.