تاھىر ھامۇتنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق رومانى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى

Blog post description.

8/5/20231 min read

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق رومانى ئىنگىلىزچە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نيۇيورك ۋاقت گېزىتى، دەۋر ۋە ۋاشىنگتون پوچتىسى ناملىق مەتبۇئاتلار ئارقا-ئارقىدىن بۇ ئەسەر ھەققىدە ئوبزور ۋە زىيارەت خاتېرىلىرىنى ئىلان قىلدى. مەزكۇر ئەسەردە، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنى ئەۋج ئالغان ۋاقتتىكى ۋەھىمىلىك ۋەزىيەت ئاپتورنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. ئاپتور ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىقىش جەريانى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر ساھە كىشىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تويۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىش، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىش ۋەھىمىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قانداق يوق قىلىۋاتقانلىقىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن.