«شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشنىڭ بوشىتىلىشىدىكى مەقسەتلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم

Blog gönderi açıklaması.

1/25/20251 min read

«شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشنىڭ بوشىتىلىشىدىكى مەقسەتلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم

بىرىنجى بۆلۈمى: چىگرادىن كىرىش

فىلىم ھەر جۈمە كۈنى مەركىزى ياۋروپا ۋاقتى 19:00 دا بىر قىسىم قويۇلىدۇ.

تارقىتىلىش ئادرىسى:

ئۇيغۇرچە

https://youtu.be/1rmXuqdIpv8

ئېڭلىسچە

https://youtu.be/21RGeDVJn6E

شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا. 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئائىلىلەرنى پارچىلىۋەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر يىللار داۋامىدا ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىدى. 2023-يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەتەنگە قايتىش يولىنى ئاچتى. بىراق بۇ "ئېچىۋېتىش"نىڭ ئارقىسىغا قورقۇنچلۇق ھەقىقەت يوشۇرۇنغان. بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار زىيارەتچىلەرنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، سۈرەتكە تارتىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدە مەھەللە كادېرلىرى كەلگەنلەرنى گۈللەر بىلەن قارشى ئېلىپ، فىلىمگە تارتىدۇ ۋە ئۇنى تارقىتىدۇ، كەلگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بىللە قونىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر ئۇچرىشىشنى سەھنىلەشتۈرۈپ، زىيارەتچىلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشنىڭ قورالى قىلماقتا. زىيارەتچىلەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن "شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە ئىش نورمال" دېگەن يالغان تەشۋىقاتنىڭ جاكارچىسى بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "يېڭى ئېچىۋېتىش سىياسىتى"نىڭ ئارقىسىدىكى قورقۇنچلۇق ھەقىقەتنى، زىيارەتچىلەرنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رېئاللىقنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ھىيلە-مىكىرلىرىنى پاش قىلىدۇ.

-------------------------------

8 دۆلەتتىكى 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك گۇۋاھچى ۋە مۇتەخەسىسلەرنى بىر يىل ئىز قوغلاپ سۈرەتكە ئېلىنغان. گۇۋاھچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ يېڭى ئەقلى ئىقدىدارلىق ئاۋاز قورالىدا تەقلىدى ئاۋاز بېرىلگەن ۋە ئەقلى ئىقدىدارلىق ئوبراز ئالماشتۇرۇپ كىرىشتۈرۈلگەن. «شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشنىڭ بوشىتىلىشىدىكى مەقسەتلەر» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى ھۆججەتلىك فىلىم.

فىلىم ئايرىم تېمىلاردا قىسىملارغا ئايرىلغان بولۇپ ئوخشىمىغان قىسىملار شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2013- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ھەقىقى ئەھۋالىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ ۋە كۆرگۈچىلەرگە ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ سىز كۆرۈۋاتقان تەشۋىقاتقا ئوخشىمايدىغان ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

ئەگەر ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن بولسىڭىز، ياكى بۇ توغرۇلۇق يېڭى ئۇچۇرلارنى بىلسىڭىز، پۈتۈنلەي مەخپى گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. بىز سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ۋە ئوبرازىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ بارلىق ئۇچۇرىڭىزنى قەتتى مەخپى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

بۇ فىلىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە خىتاينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈشكە ئىقتىسادى ياردەم بېرىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

https://www.paypal.com/ncp/payment/ETXZFM4XAMKAL

فىلىم ھەر جۈمە كۈنى مەركىزى ياۋروپا ۋاقتى 19:00 دا بىر قىسىم قويۇلىدۇ.

تارقىتىلىش ئادرىسى:

ئۇيغۇرچە

https://youtu.be/1rmXuqdIpv8

ئېڭلىسچە

https://youtu.be/21RGeDVJn6E

ئالاقىلاشقۇچى:

ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى

بەختىيار ئۆمەر

info@utjd.org