شەرقىي تۈركىستاندىكى جېمىنەي تاموژنىسى قايتا ئېچىلغان

Blog post description.

7/23/20231 min read

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جېمىنەي ناھىيەسىدىن قازاقىستانغا ئۆتىدىغان چېگرا ئېغىزىنى قايتا ئاچقان. خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جېمىنەي ناھىيەسى تاموژنىسىدا چېگرادىن كىرىپ-چىقىش، يولۇچى توشۇش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم 140 دىن ئارتۇق يولۇچى چېگرادىن ئۆتكەن. ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئىلگىرى ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىن ئېلىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، بۇ پونكىتنى تاقىۋالغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلگەنىدى. نۆۋەتتە خىتاي بۇ پونكىتنى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزىنى ئاقلاش ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە قايتا ئېچىۋەتكەن.