شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئىلان قىلدى.
Blog post description.


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى فوندى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتتا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. باياناتتا، تۈركىيە دائىرىلىرى ۋە جامائەتچىلىكى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەشكە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۈگۈن ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.