شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى
Blog post description.


ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 6-سېنتەبىردىن باشلاپ ئەنقەرەدە زىيارەتلەردە بولغان. ھەيئەت ئالدى بىلەن تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نازىف يىلمازنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلغان. زىيارەت داۋامىدا نازىف يىلماز ئەپەندىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن. ھەيئەت ئارقىدىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئىشخانىسىدا پارتىيە رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان. ھەيئەت يەنە يېڭىدىن رەفاھ پارتىيە رەئىسى دوكتور فاتىھ ئەرباقاننى پارتىيەنىڭ مەركىزىدە زىيارەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.