شەرقىي تۈركىستان دۆلەت نامىنىڭ ئامىستىردام شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز.
Blog gönderi açıklaması.


شەرقىي تۈركىستان دۆلەت نامىنىڭ ئامىستىردام شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز.
شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيۇن مەركىزى باياناتى
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت نامىنىڭ ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىنغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى چەكسىز خوشاللىققا چۆمۈلدۈردى. بۇ ۋەجىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيون مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈر ئېيتتى.
بۇ ھەقتە توختالغان شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيۇن مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى مۇنداق دېدى؛ ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلەت نامىنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ۋەتەن داۋاسىغا بولغان ھەققانىي داۋاسىنىڭ كېلەچىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت نامىنىڭ تۇنجى قېتىم غەرپ دۆلەتلىرىدە قوبۇل قىلىنىشى بولۇپ ھېساپلىندۇ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلەت نامىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زورلۇق بىلەن تاڭغان خىتايچە نامى بىلەن ئاتىماستىن بەلكى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئاتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە قىلىنغان بۈيۈك بىر ھۆرمەتتۇر. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرغان بۇ ھەققانىي مەيدانىنى قىزغىن ئالقىشلايدۇ ۋە ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
دۇنيا ۋەزىيىتى جىددىي ئۆزگۈرۋاتقان، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش قارا نىيىتى كۈنسېرى كۈچىيىپ، ئېغىر تەھدىد شەكىللەندۈرۋاتقان مۇشۇنداق ئېغىر پەيىتتە، خىتاي تەھتىدى ۋە دىپلوماتىك بېسىملىرىغا تىز پۈكمەي ھەققانىيەت ئادالەت ياقىلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش دۇنيادىكى دىمكوراتىيە، ئەركىنلىك باراۋەرلىكنى ئۆزىنىڭ تۈپ سىياسىسىتى قىلغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش تارتىپ بولالمدىغان بۇرچىدۇر. ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تارىخىي قارارى بارلىق ئىسلام ۋە تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا تۇتقان مەيدانى سىياسىتى ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىكتۇر.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستاندا قانخور خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ چەكتىن ئاشقان زوراۋان ئەشەددىي دۆلەت تېررور سىياسىتى ئىزچىل داۋام قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىندى. يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە دۇنيا تارىخدا مىسلى كۆرۈلمىگەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، كوللېكتىپ جازالاش، جازا لاگېرلىرىغا سولاپ قىيىن قىستاققا ئېلىش، بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك شەكىلدە ئۆلتۈرۈش، بىر پۈتۈن مىللەت بويىچە مەجبۇرى يۇقۇتۇش، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇپ تاشلاش مەقسەت قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچلىق ھېلىھەم داۋام قىلماقتا. ئادالەتنى ياقىلايدىغان بارلىق تىنىچلىقپەرۋەر دۇنيا خەلقى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن تۈزۈم تەرتىپ ۋە سېستىمىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياغ ئاستى قىلغان بۇ ئىرقىي يوقۇتۇش جنايىتىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقنى ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ۋە ھەقلىق داۋاسىنى قوللاشتا تېخمۇ ئىجابىي بولغان كۈچلۈك قەدەملەرنى ئېلىشقا چاقىرىمىز.
شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيۇن مەركىزى
2025-يىلى 10- ئىيۇل

