شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلدى
Blog post description.


شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا كۆرۈشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىگە قارىتا ئەندىشىلەر ئىپادىلىنىش بىلەن بىرگە، جەنۇبىي دېڭىزدا «تاجاۋۇز قىلماسلىق كېلىشىمى» ئىمزالاندى. ئامېرىكا، شۇنداقلا رايوندىكى دۆلەتلەر بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغان رايونلاردا سۈنئىي ئارال قۇرۇشىغا قارشى تۇرىدۇ.