رويتېرس ئاگېنتلىقى: خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ
Blog post description.


ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 2 ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئاشكارا بولمىغان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رايونلۇق بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ۋە خىتاي ئارمىيىسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشقان ئۈچ كىشىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا شاڭفۇغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھەربىيلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشقان ئىككى كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، لى شاڭفۇ 2017-يىلدىن 2022-يىلغىچە رەھبەرلىك قىلغان خىتاي ئارمىيە سېتىۋېلىش ئەترىتىنىڭ سەككىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىمۇ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.