قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شىرىكى خىتاي بولغان
Blog post description.


قازاقىستان ئەڭ كۆپ سودا قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە خىتاي روسىيەنىڭ ئورنىنى ئالغان. قازاقىستان دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستاننىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا خىتاي بىلەن بولغان سودا سوممىسى 10 مىليارد 700 مىليون دوللار، روسىيە بىلەن بولغان سودا سوممىسى 10 مىليارد 500 مىليون دوللار بولغان. قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالماس ئايداروف ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، روسىيەدىن قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىشنىڭ% 20 تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.