قازاقىستان سوتى ئۆكتىچى جانبولات ماماينىڭ جازاسىنى تەستىقلىدى
CULTURE


ئالمۇتادىكى بىر سوت مەھكىمىسى قازاقىستان دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كانبولات مامايغا قارشى قارارنى ساقلاپ قالدى. بۇنى ئۇنىڭ فېيىسبۇك بېتىدە ئايالى ئىنگا ئىمانباي ئېلان قىلغان. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى, جانبولات ماماي «ئاممىۋى مالىمانچىلىقنى تەشكىللەش»، «يالغان ئۇچۇر تارقىتىش» جىنايىتى بىلەن ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قارارغا ئاساسەن، ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدە ئاخبارات، ئىجتىمائىي سىياسەت خىزمەلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن. بۇ قارار 29-ئىيۇن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان.