قىرغىزىستان خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان

Blog post description.

7/12/20231 min read

يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۆكتەبىر ئورمامبېتوف باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، رايوندىكى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ «چېگرا لىنىيەسىدىكى قىرغىزىستان ساقچىلىرىغا تەشكىلىي تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. «ياۋرو-ئاسىيا تورى» نىڭ 7-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى 19-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.