پارلامېنت ئەزالىرى بايدېننى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى جازالاشقا چاقىردى
Blog post description.


ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بىر نەچچە پارلامېنت ئەزاسى بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك جازانى بىكار قىلىش تەلىپىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. جۇمھۇرىيەتچى پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋە سودا مىنىستىرى گىنا رايموندوغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك جازانى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پارلامېنت ئەزالىرى مەكتۇپىدا يەنە ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلسا، بۇ پىرېزىدېنت بايدېننىڭ «كىشىلىك ھوقۇق بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ» دېگەن سۆزىنى رەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.