پاكىستاندىكى ئىسلام پارتىيىسىنىڭ يىغىلىشىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش يۈز بەردى

Blog post description.

7/31/20231 min read

پاكىستاندىكى بىر ئىسلامىي سىياسى پارتىيە بولغان ئىسلامىي ئۆلىملار جەمئىيىتىنىڭ يىغىلىشىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 44 ئادەم قازا قىلغان، 200 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۇجۇم پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئولتۇرغان سەھنىگە يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا تالىباننىڭ دۈشمىنى بولغان ۋە ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان «دائىش» تەشكىلاتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا ئىكەن.