پاكىستان ئۆلىمالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

Blog post description.

7/21/20231 min read

پاكىستاندىكى بىر تۈركۈم ئۆلىمالار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ ھەپتە شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ بېرىپ، «زىيارىتى»نى باشلىغان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، پاكىستان زىيارەت ئۆمىكى 17-ئىيۇل قەشقەرگە يېتىپ بارغان بولۇپ، ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلغان. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باياناتىدا، پاكىستان «دىنىي زاتلار زىيارەت ئۆمىكى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىققا، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بايانلىرىدا ھەقىقەتنى سۆزلەشكە چاقىرغان.