نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك ئالىي يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولدى

Blog post description.

7/14/20231 min read

نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك ئالىي يىغىنى» 11-ئىيۇلدىن 13-ئىيۇلغىچە لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر، ئادۋوكاتلار، دىنىي رەھبەرلەر ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر قاتناشقان. مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغان.