ناتو خىتايغا قارشى كۈچلۈك بايانات ئىلان قىلدى
Blog post description.


7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ناتونىڭ يېتەكچىلىكىدە لىتۋانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، خىتايغا قارشى كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. ئىگىلىنىشىچە، يىغىنغا ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن باشقا يەنە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سېپىگە قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا ئېلان قىلغان بىرلەشمە بايانات ئەمەلىيەتتە خىتاي تەھدىتىگە قارشى بېرىلگەن بايانات ئىكەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلماقتا، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى، غەرىزى ۋە ھەربىي قۇرۇلۇشى مۇتلەق مەخپىي. ئۇلار يەنە يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمى قوزغاپ، قارشى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇپ، ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان سالماقتا» .