موسكۋا ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

Blog post description.

7/25/20231 min read

روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىن كەلگەن ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، لېكىن ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى يوقلۇقى خەۋەر قىلىندى. موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانېن ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ شۇ يەر ۋاقتى 04:00 ئەتراپىدا موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈنۈگۈن كەچتە ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا رايونىدا روسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇمدا دوناي دەرياسىدىكى پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.