مايك گاللاگېر: «دىنغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان خىتاينىڭ مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەر!»

Blog post description.

7/14/20231 min read

12ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئېتىقادچى ئاممىغا بولغان تەھدىتى: دىنلار ئارا مۇنازىرە» ناملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر ئەپەندى رىياسەتچلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ ئېچىلىش نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ. ئۇلار جىنايەتلەرنىڭ ئېچىدىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك گورۇپپىلارنى نىشان قىلغان ئاستا خاراكتېرلىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شىنجاڭ، شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا دىنغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانخىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەر، چۈنكى ئۇلار ئېتىادلىق ۋە روھى ئەركىن ئىنسانلار بىلەن ئۇرۇشىۋاتىدۇ.»