خيۇلېت پەكارت شىركىتى كومپيۇتېر تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەيدىكەن

Blog post description.

7/19/20231 min read

ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئۇچۇر تېخنولوگىيە شىركىتى خيۇلېت پەككارت (HP) بۇ يىل مىليونلىغان شەخسىي ۋە سودا كومپيۇتېرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى تايلاند ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكىمەكچى بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، خيۇلېت پەككارت شىركىتى بۇ يىل بىر قانچە مىليوندىن بەش مىليونغىچە كومپيۇتېرنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەپ ئىشلەپچىقارماقچى ئىكەن. خيۇلېت پەككارت شىركىتى ئۆتكەن يىلى دۇنيانى 55 مىليون 200 مىڭ PC كومپيۇتېر بىلەن تەمىنلىگەن.