خوتەندە ھەر يۈز مېتىردا بىر ساقچى، بەش يۈز مېتىردا بىر ساقچى پونكىتى بار
Blog post description.


6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان «100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى گەرچە ھەرقايسى شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خوتەندە بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خوتەن شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانا خادىمى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ھازىر خوتەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى دوستانە ئىكەنلىكىنى، خوتەندە ئۇيغۇر-خىتاي تويلاشقان ئەر-ئاياللارنىڭمۇ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مېھمانخانىغا چۈشكەن ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. مۇلازىمەتچى خوتەندىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خوتەن كوچىلىرىدا ھەر 100 مېتىردا بىر ساقچى، 500 مېتىردا بىر ساقچى پونكىتى بارلىقىنى، ساقچىلارنىڭ كېچە-كۈندۈز چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.