خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

Blog post description.

7/23/20231 min read

خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ شەرقىي تۈركىستان ھىجرەت قىلىپ چىققان ئۇيغۇرلار چەتئەللەردىمۇ خىتاينىڭ تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملىرىغا دۇچ كەلمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا يانتاياق بولۇپ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىمۇ باشقا بىر ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. چەتئەلدە بۇ خىل قىسمەتكە دۇچار بولغان ئۇيغۇرلاردىن بېرى 2021-يىلى 7-ئايدا ساياھەت ۋىزىسى بىلەن ماراكەشكە بارغان ئۇيغۇر ئىدرىس ھەسەن بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ماراكەش تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 20-ئىيۇل بايانات ئىلان قىلىپ، ماراكەش دائىرىلىرىنى ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونلۇق ئەمەلدارىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا قىلغان باياناتىدا، ئىدرىس ھەسەننىڭ ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئىككى يىل بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا، «ئىدرىس ھەسەن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە بولۇپ، ئەگەر قايتۇرۇلسا قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بىز ماراكاش دائىرىلىرىنى ئۇنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېيىلدى.