خىتاينىڭ لوندوندا يېڭى ئەلچىخانا سېلىش پىلانىنى سۇغا چىلاشتى

Blog post description.

8/12/20231 min read

خىتاي ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى يېڭى ئەلچىخانا قۇرۇش پىلانىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەسلىدە بۇ ئەلچىخانىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئەلچىخانا بىناسى بولىدىغانلىقى ئىلان قىلىنغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى يەرلىك خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن توختىتىلغان بۇ قۇرۇلۇش توغرىسىدا ئەنگىلىيەدىن دىپلوماتىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، خىتاي يەرلىك سوتنىڭ ئەلچىخانا بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بولغان ھۆكمىگە نارازىلىق بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئەھۋالنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.