خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ھەربىي تۈزۈمدە تەربىيەلىشى دىققەت قوزغىدى
Blog post description.


ىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ھەربىي تۈزۈمدە تەربىيەلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەندىشە ۋە دىققەت قوزغىماقتا. لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم 12-ئىيۇل ھەمبەھرىلىگەن سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى بىر تۇتاش ھەربىي فورما كەيدۈرۈپ ھەربىي تۈزۈمدە تەربىيەلىگەن. بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا قاتتىق ھەربىي تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلغان بولۇپ، ھەربىر سىندا بالىلارنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپلا تۇرىدىكەن. سىنلاردا كۆرۈلگەن خىتايچە خەتلەردە ئاتالمىش «شىنجاڭ، ئۈرۈمچى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، مەزكۇر بالىلار ھەربىي لاگېرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، مەزكۇر لاگېردا قىزلارمۇ بار بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى قىز بالىلارمۇ ھەربىي لاگېردا خىتاي باشقۇرغۇچىلىرى ئالدىدا دوكلات قىلىش، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قەسەم بېرىش قاتارلىق ئىشلارغا مەجبۇرلانغان.