خىتاينىڭ ئېكسپورتى يېقىنقى ئۈچ يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى
Blog post description.


دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتايدا ئېكسپورت ۋە ئىمپورت ئالدىنقى ئايدىكى يەر شارى ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولدى. ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بازارلىرىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكىغا قىلغان ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 23.1 ئازايغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىشىمۇ بۇلتۇر 7-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 20.6 تۆۋەنلىگەن. بۇ سودا سانلىق مەلۇماتلىرى خىتاينىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.