خىتايلارنى ئېلىپ ماڭغان پاكىستان ھەربىي ئاپتوموبىلى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

Blog post description.

8/16/20231 min read

پاكىستاننىڭ خىتاي ئىنژېنېرلىرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى 13-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئىستراتېگىيەلىك گۋادار پورتى ئەتراپىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەر پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ قوغدىشىدا كاراچىدىن گۋادارغا كېتىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلىرى ئىكەن. خەۋەرلەردە، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ 23 نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىنژېنېرىنى ئوق ئۆتمەس ئاپتوموبىل بىلەن قوغداپ كېتىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.