خىتايدىكى پۇل پاخاللىقى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ
Blog post description.


ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» گە قىلغان سۆزىگە قارىغاندا، ئىلگىرىكى كاساتچىلىقتا دۇنيا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئۇل تېشى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن خىتاي بۇ قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. ئالدىنقى ھەپتە ئاۋىستىرالىيە مەركىزى بانكىسى پەسىللىك ئىقتىسادىي يېڭىلاشنى ئېلان قىلغاندا، خىتاينىڭ ئېنىقسىز ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئاۋسترالىيە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بولسا دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي باھالاش يېڭى تىزىملىكىدە خىتاينى خەتەر تەڭپۇڭلۇقى تۆۋەنلىگەن يۆنلىشتە دەپ كۆرسەتتى.