«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەتقىقات ئىستراتېگىيىسى» سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

Blog gönderi açıklaması.

7/12/20231 min read

بىلكەنت ئۇنۋېرسىتىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ ژان موننېت كىشىلىك ھوقۇق مودۇلى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سوئال سوراشنى چەكلەش: خىتايدىكى ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەتقىقات ئىستراتېگىيىسى» ناملىق سۆھبەت يىغىنى 10-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگۈچىلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى رۇشەن ئابباس ۋە كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋە خىتاي تەتقىقات دېرىكتورى پروفېسسور ئادرىئان زېنز يەر ئالدى. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان ئادرىئان زېنز خىتايدا ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئىنتايىن چەكلىك شارائىتتا بۇ خىل توسالغۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. زېنز بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا دېكتاتور ھۆكۈمەتلەرگە ئالاقىدار تەتقىقاتلاردىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلەر ۋە ئۇسۇللارنى سۆزلەپ بەردى.