خىتايدىكى ئۆي باھاسىنىڭ توختاپ قېلىشى ئۈچىنچى ئېيىدىمۇ داۋاملاشتى

Blog post description.

9/18/20231 min read

خىتايدا ئۆي باھاسىنىڭ توختاپ قېلىشى ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە ساقلىنىۋاتقان قەرز مەسىلىسى ۋە مەبلەغنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن پاراللېل داۋاملاشماقتا. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان تۇرالغۇ ئۆي باھا كۆرسەتكۈچىگە قارىغاندا، ئاۋغۇستتا خىتايدىكى 70 چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 17 سىدە يېڭى ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا ئۆرلىگەن، 53 شەھەردە مۇقىم ھالەتتە تۇرغان ياكى تۆۋەنلىگەن. بىرىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەر دەپ قارالغان بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە شىنجىندىكى يېڭى ئۆي باھاسى ئاۋغۇستتا % 0.2 تۆۋەنلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شەھەرلەردە 6-ئاي ۋە 7-ئايلاردىمۇ ئۆي باھاسى تۆەنلىگەن.