خىتايدا ئەمدى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى يوقاپ كەتتى
Blog post description.


خىتايدا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن كېيىن، بۇ قېتىم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوقاپ كەتتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي مۇداپىيە مىنىستىرى لى شاڭفۇ 15 كۈندىن بۇيان ئاممىۋى سورۇنلادا كۆرۈنمىگەن. لى ئاخىرقى قېتىم 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇنبەردە سۆز قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پائالىيەتكە قاتناشمىغان ۋە ئاممىۋى سورۇندا كۆرۈنمىگەن. لىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە ئالدى. بىر ئاي يوقاپ كەتكەن چىن گاڭ كېيىن مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.