خىتايدا بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى 25 بالىنى زەھەرلىگەن
Blog post description.


خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى بىر يەسلىدە يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىك يېڭىدىن قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، 39 ياشلىق ۋاڭ يۈن ئىسىملىك بىر ئايال ئوقۇتقۇچى باشقا بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان ۋە ئارقىدىن 25 بالىنىڭ تامىقىغا زەھەر سېلىۋەتكەن. زەھەرلەنگەن بالىلاردىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ 2017-يىلى يولدىشىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكى مەلۇم بولغان.