خىتاي يۈز كۈنلۈك تازىلاش ھەرىكىتىنى قوزغىدى
Blog post description.


خىتاي ئىشغالچى ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سىستېمىلىق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە يىغىندا،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىجرا قىلىش، ئاتالمىش تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش تەكىتلەنگەن. خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلق ھۆكۈمىتى» بىخەتەرلىك ئىشخانىسى يېقىندا بىرلەشمە سىن يىغىنى چاقىرىپ، ھەر قايسى جايلاردا يۈز كۈنلۈك تازىلاش ھەرىكىتى سەپەرۋەرلىكى ئىلان قىلغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلاردا، ھەر قايسى جايلاردا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.