خىتاي يەنە بىر تارىخىي مەسچىتىنى مەجبۇرىي چاقتى
Blog post description.


خىتاي دائىرىلىرى لەنجۇدىكى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە شىگۇەن مەسچىتىنى مەجبۇرىي چېقىپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دەۋا قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خىتاي سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىگۇەن مەسچىتى گەرچە خىتاي بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ دوستلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان بەلگە خاراكتېرلىك مەسچىت بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رېجىمى يەنىلا چېقىپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، شىگۇەن مەسچىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەسچىت بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان ۋە 1687-يىلى قايتا ياسالغان.