خىتاي يەنە 38 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسېپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى
Blog post description.


خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى ساھەسىدىكى ئىجادىيەت ۋە رېتسېپلارنى خىتاي تېبابىتى دورىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي يەنە ئۇيغۇر تېۋىپلار ئىجاد قىلغان 38 رېتسېپلىق دورىنى ئاتالمىش «خىتاي قەدىمكى دەۋردىكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلار مۇندەرىجىسى (2-تۈركۈم)»گە كىرگۈزۈۋالغان. خىتاي جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان تورىنىڭ 2-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتاي تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «قەدىمكى دەۋردىكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلار مۇندەرىجىسى (2- تۈركۈم)» نى ئېلان قىلغان. مۇندەرىجىگە جەمئىي 217 تۇنجى رېتسېپلىق دورا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تېبابىتىگە تەۋە رېتسېپلاردىن 38 دورا رېتسېپى بار ئىكەن.