خىتاي يېڭى ئېلان قىلغان قانۇن تۈزىتىش لايىھەسى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى
Blog post description.


خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە ئاتالمىش «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»نىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم يېڭى ماددىلار كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئاتالمىش «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»نىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ 17 يىلدىن بۇيان مەزكۇر قانۇنغا تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھېسابلىنىدىكەن. تۈزىتىلگەن لايىھەسىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى روھى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھېسسىياتى»غا زىيان يەتكۈزىدىغان كىيىم-كېچەكلەر، زىننەت بۇيۇملىرىنى كىيىش، تاقاش، قالايمىقان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە جازا بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.