خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ غايىب بولۇشى دىققەت قوزغىدى
Blog post description.


خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. ئىگىلىنىشىچە، جاكارتادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. نۆۋەتتىكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدا سىرىلانكا، رۇسىيە ۋە ۋيېتنام ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن قايتا كۆرۈنمەسلىكى ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە خىلمۇخىل سوئال پەيدا قىلغان.