خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقىي سودا ئېكسپورتىنى داۋاملىق كېڭەيتكەن
Blog post description.


خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش چۇقانلىرى كۈچىيىۋاتقان، شۇنداقلا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى رايوننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قاتتىق چەكلەش ياكى بايقۇت قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقىي سودىسىنى «بىر بەلباغ بىر يول» دۆلەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكسپورت سوممىسىنى جىددىي كۆپەيتىشى دىققەت قوزغىدى. نۆۋەتتە، رايوننىڭ تاشقىي سودا ئېكسپورتىنىڭ نۇقتىلىق « بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە قاراپ كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2023-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقىي ئېكسپورت سوممىسى 149 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 65.2 پىرسەنت كۆپەيگەن. ھالبۇكى، بۇ ئېكسپورت سودىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.