خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇردى
Blog post description.


خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئورنىتىلغان 500 مىڭ كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيىسى تۈرىنىڭ ئېلىكتىر تورىغا ئۇلىنىشى بىلەن توپلام يېڭى ئېنېرگىيە مىقدارى 50 مىليون 260 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن بولۇپ، رايوندىكى يېڭى ئېنېرگىيە سىغىمى ئومۇمىي ئېنېرگىيە سىغىمىنىڭ% 41 گە توغرا كەلگەن. خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پەيشەنبە كۈنى 500،000 كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى تۈرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېلېكتىر تورىغا ئۇلانغان ۋە بۇنىڭ بىلەن رايوندا يېڭى ئېنېرگىيە سىغىمى 50 مىليون 260 مىڭ كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلگەن.