خىتاي شادىيان چوڭ مەسچىتىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغان

Blog post description.

7/28/20231 min read

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي زۇلۇم ۋە مەسچىتلەرنى چېقىش سىياسىىتنى يېقىندا تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغىمۇ كېڭەيتكەن. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، مۇسۇلمانلارغا تەۋە رېستورانلارنىڭ ۋىۋىسكىسىدىكى ئەرەبچە خەتلەر ۋە مەھسۇلاتلاردىكى «ھالال» بەلگىسى چەكلەنگەن، شۇنداقلا مەسچىتلەر ۋەيران قىلىنىشقا باشلىغان. باش شىتابى ئىتالىيەگە جايلاشقان «زىمىستان» تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، خىتاي دائىرىلىرى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شادىيان شەھىرىگە جايلاشقان «تۇڭگانلارنىڭ مەككىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان تارىخى چوڭ مەسچىتنى چاقماقچى بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قەدىمىي مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇشى 1684-يىلى تاماملانغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تارىخىي مەسچىتنىڭ ئىسلامىي ئۇسلۇبتىكى گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى بىلەن ئۆزگىچە ئىسلام نەقىشلىرى ۋەيران قىلىنىپ، خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىلگەن.